نېمە ئۈچۈن چەتئەل مەبلەغ سېلىش بانكىلىرى بىرلا ۋاقىتتا خىتتاي شىركەتلىرىدىن ئايرىلىدۇ؟

 

ئىليار كاشىغەرى

 

2022- يىلق 6- ئاينىڭ 20- كۇنى خىتتاينىڭ سىندا تورىدا شاڭخەيدە ئشلەيدىغان بىر خىتتاي ئۆزى ئىشلەيدىغان شىركەت جايلاشقان ئىشخانا بىناسىنى رەسىمگە تارتىپ، خىزمەت بىناسىنىڭ قۇرۇقدىلىپ قالغان ھازىرقى ئەھۋالىنى ئاشكارىلىدى. بۇ سىن توردا ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان قىزىق تېماغا ئايلادى.

 بۇ سىننى ئېلان قىلغان خىتتاي، ھازىرقى ئىشخانا بىناسىدا ئەسلىدە ئون نەچچە شىركەت بارلىقىنى، ئەمما ھازىر ئۆز شىركىتىنى قوشقان تەقدىردىمۇ ئۈچ شىركەتنىڭ ھايات قالغانلىقىنى ئېيتتى. ئاددى ھىسابلىغاندىمۇ % 70 تىن ئارتۇق شىركەت ۋەيران بولغان بولىدۇ. ئەلۋەتتە، شاڭخەيدىكى بۇ بىر بىنانىڭ ئەھۋالىدىن شاڭخەيدىكى ۋەزىيەتنىڭ بىر پۈتۈن ناچارلىقىغا ھۆكۈم قىلىش مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە بۇ بىر ئاددىي مىسال. ئەمما، ئەگەر سىز بۇ ساننى شاڭخەي شەھرىگە قويسىڭىز، قانچىلىك شىركەتلەرنىڭ بۇ شەھەرنىڭ قامال قىلىنىشىغا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە ۋەيران بولغان ياكى ۋەيران بولۇش ئىھتىماللىقىنىڭ يۇقىرلىغانلىقىنى ۋە ھازىر شاڭخەيدە قىينىلىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ قانچىلىك كۆپ ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالايسىز.

چەتئەل مەبلىغىنىڭ خىتتايدىن چىكىنىپ كېتىپ بارغانلىقى ھەممىگە تونۇشلۇق بىر ئەھۋال، ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە، چەتئەل مەبلىغى ۋە ۋال كوچىسىدىكى مۇھىم مەبلەغ سېلىش بانكلىرى بىراقلا خىتتايدىن مەبلىغىنى ئاجرىتىپ چىقىپ كەتتى. ئەگەر سىز خىتتاي ھەققىدىكى ھەر خىل ئۇچۇرلارنى كۆرۈۋاتقان بولسىڭىز، ياكى ئىنگلىزچىنى خىتتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىسىدە ئۆگەنگەن بولسىڭىز يىڭى شەرىق ( 新东方 ) دېگەن شىركەتنى بىلىشىڭىز مۇمكىن. بۇ شىركەت 1993- يىلى بېيجىڭدا ئىنگلىز تىلى ئوقۇتۇش مەكتىپى سۈپىتىدە قۇرۇلغان، 2016-يىلى ئامېرىكىدىكى نيۇيورك ئاكسىيەسىدە بازارغا سېلىنغان، 2020-يىلى شياڭگاڭدا بازارغا سېلىنغان خىتتايدىكى مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ داڭلىق شىركەت. بۇ شىركەت دەسلەپ ئىنگلىز تىلى ئۆگۈتۈشكە باشلىغان ۋە ئاستا- ئاستا باشقا تىل  مەكتەپلىرىنى ئېچىشقا باشلىغان ۋە زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقدىغان ئوقوغۇچىلار ئۈچۈن ۋىزا ۋە باشقا رەسمىيەتلەرنى ۋاكالىتەن بىجىرىدىغان تارماق شىركەتلەرنىمۇ ئ‍ېچىپ ئوقۇتۇش ساھەسىدىكى شىركەتلەر ئىچىدە ئەڭ روناق تاپقان. ئۆتكەن يىلدىكى خىتتاي ئ‍ىقتىسادىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرگە قارايدىغان بولساق، شى جىنپىڭنىڭ خىتتايدىكى بەزى كەسىپلەرنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن بىر قانچە ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلەلەيمىز . ئ‍وقۇ- ئوقۇتۇش مائارىپ كەسپى شى جىنپىڭ ئۆلتۈرگەن كەسىپلەرنىڭ بىرى.

نەتىجىدە، بۇ شىركەتنىڭ پۇختىلاش كۇرۇسى ۋە ئ‍وقۇ-ئوقۇتۇشقا مۇناسىۋەتلىك قىسىمى ئاساسەن دېگۈدەك يوقىتىلدى. خىتتايلارنىڭ بالىلىرىنى تەربىيەلەش ۋە كۇرۇسقا بېرىش جەھەتتە ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغانلىقى ھەمىگە ئايان. خىتتايدا مەكتەپ سىرتىدىكى نۇرغۇن تەربىيەلەش كۇرۇسلىرى بار، ئەمما شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ كەسپىنى ئۆلتۈرۈشى نۇرغۇن شىركەتلەرنى ۋەيران بولۇشقا مەجبۇر قىلدى.

نۇرغۇن شىركەتلەر قېچىپ كەتكەن، چۈنكى ئۇلار ھەتتا تەربىيەلەش ۋە ئۆگۈنۈش كۇرسىدىكى ئوقۇتقۇچىنىڭ مائاشىنىمۇ بېرەلمەيدىغان ھالغا كېلىپ قالغان. يېڭى شەرىق(新东方 ) شىركىتىنىڭ خوجايىنى خىتتايدا خېلى داڭلىق، شۇڭا ئۇنىڭ كەسپى ئىنتايىن ئالقىشقا ئېرىشكەن. خىتتاي مائارىپ كەسپىنى ئۆلتۈرۈشتىن ئىلگىرىمۇ خىتتاي ۋىروسى سەۋەبىدىن چەتئەلگە چىقىپ ئ‍وقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئازايدى. بۇ شىركەتنىڭ ئاساسلىق تىجارىتىگىمۇ زور تەسىر كۆرسەتتى. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا 2021-يىلى 2- ئايدا ئۆي جاھازلىرى بازىرىغا يىڭىدىن كىرگەن ۋە شىركەتنىڭ ئامېرىكىدىكى پاي باھاسى 195 دوللار بولغان. قىسقىغىنە ئالتە ئاي ئىچىدە 20 دوللارغا چۈشۈپ، پاي باھاسى% 90 چۈشۈپ كەتتى. بۇ يىل 3-ئايدا پايچەك باھاسى 10 دوللارغا چۈشۈپ قالدى. باشقىچە ئېيتقاندا، بۇ شىركەتنىڭ پاي باھاسى 2021-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 95 تۆۋەنلىگەن.

شىياڭگاڭ پايچەك بازىرىدا شىركەتنىڭ پاي باھاسى 2021-يىلدىكى 27 شياڭگاڭ دوللىرىدىن 3 شياڭگاڭ دوللىرىغا چۈشۈپ قالدى. بۇ شىركەتكە مەبلەغ سالغان مەبلەغ سالغۇچىنىڭ نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ مەبلىغى ئاساسەن يوقالغان.

بۇ شىركەتنىڭ خوجايىنى شىركەتنى قانداقتۇر ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىكتوكتا دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى نەق مەيدان تارقىتىش شەكلىدە سېتىشقا باشلىغان. مەن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمدەك، بۇ شىركەتنىڭ خوجايىنى خىتتايدا داڭلىق، شۇڭا ئۇ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا باشلىغاندىن كېيىن، نۇرغۇن مەستانىلىرى ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالدى. ئۇنىڭ  مەھسۇلاتى ئادەتتىكى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا قارىغاندا باھاسى يۇقىرى بولسىمۇ، سېتىشنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپ ماڭدى. يېقىندا، بۇ شىركەتنىڭ بىر خىزمەتچىسىمۇ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى بىرلا ۋاقىتتا خىتتايچە ۋە ئىنگلىزچە تىللاردا سېتىشقا باشلىدى. بۇ خىل نەقمەيدان شەكلىدە سېتىش ئارقىلىق ئىنگلىز تىلىنى ئۆگۈنۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىغان نۇرغۇن كىشىلەر قانالدىن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغان، ئومۇمىي سېتىلىش مىقدارى 200 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ خىل مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن يېڭى شەرقنىڭ پاي باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلىدى، شياڭگاڭدىكى پاي باھاسى ئون ھەسسە ئۆرلىدى. شياڭگاڭدىكى پاي باھاسى 2021-يىلدىكى پاي باھاسىغا قايتىپ كەلدى، بۇ بىر چوڭ ئ‍ىش. لىكىن پاي باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا تۆۋەنلىدى. پاي باھاسى ئالدىنقى جۈمە كۈنى% 12 بولۇپ بۇ دۈشەنبەدىن بۇيان يەنە% 32 چۈشتى. يەنى بۇ قىسقىغىنە بىر ئاي ئىچىدە يېرىم باھا تۆۋەنلىدى.

ئۇنداقتا نېمىشقا بۇ ئىپادىسى ياخشى بولغان شىركەتنىڭ پايچېكى ئۆرلىگەندىن كېيىن تېزلىكتە چۈشۈپ كەتتى؟

بۇنىڭ سەۋەبى ۋال كوچىسىدىكى بىر قانچە مەبلەغ سېلىش بانكىسى شىركەتنىڭ پاي باھاسىنىڭ ئۆسۈشىدىن پايدىلىنىپ پاي چېكىنى سېتىۋەتتى. مەسىلەن، ۋال كوچىسىدىكى داڭلىق مەبلەغ سېلىش بانكىسى مورگان سىتەنلىنىڭ بارلىق پاي چېكىنى دېگۈدەك سېتىپ، 1 مىليارد 600 مىليون شياڭگاڭ پۇلىغا ئېرىشتى. يەنە بىر چوڭ مەبلەغ سېلىش بانكىسى جىپى مورگان 300 مىليون شياڭگاڭ دوللىرىلىق پاي چېكىنى نەقلەشتۈردى.  ئەنگىلىيەدىكى HSBC بولسا 100 مىليون شياڭگاڭ دوللىرىلىق پاي چېكىنى پۇلغا ئايلاندۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا،  ئامېرىكىدىكى Citibank ، BNP Paribas بانكىسى ۋە فرانسىيەدىكى مېگا بانكىسى  Deutsche Bank قاتارلىق ئاساسلىق پايچەكلەرمۇ پاي باھاسى ئۆرلىگەن ۋاقىتتا كۆپ مىقداردا پاي چېكىنى سېتىۋەتتى. بۇ ھازىر چەتئەل بانكىلىرىنىڭ خىتتاي بازىردىن كوللىكتىپ ئايرىلىشىنىڭ تىپىك مىسالى.

بەلكىم بۇ بۇنىڭدىن كېيىن ھەرقايسى ۋور كوچىسىدا چوڭ تىمىغا ئايلىنىشى مۇمكىن.

ئۇنداقتا سېتىلغان پايچەكنى كىم سېتىۋالىدۇ ؟

خىتتاي ياكى شياڭگاڭ، ئاسىيادىكى مەبلەغ سالغۇچىلار. خىتتايدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار جەمئىي 1 مىليارد 360 مىليون شياڭگاڭ دوللارىلىق پاينى سېتىۋالغان. بۇ مەبلەغ سالغۇچىلار ئادەتتىكى پۇقرا ياكى ئادەتتىكى مەبلەغ سالغۇچىلاردۇر. بۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتتايدىكى نۇرغۇن مەبلەغ سېلىش شىركەتلىرىمۇ بۇ شىركەتتىن پاي سېتىۋالدى. چەتئەل مەبلەغ سېلىش بانكىلىرىنىڭ شىركەتنىڭ تىجارەت ئۈنۈمى ياخشىلىنىۋاتقان بۇنداق ۋاقىتتا قولدىكى مەبلەغنى نەق پۇلغا ئايلاندۇرشىنى قارار قىلىشىدىكى سەۋەب، ئالدى بىلەن شىركەتنىڭ ھازىر قىلىۋاتقانلىرى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش.

يېڭىدىن كىرگەن بازاردا باشقا خىتتايدىكى ئەرزان دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئالدىغا رىقابەتتە يىڭىلىشى كۆزگە كۆرۈنگەن بىر ئەھۋال. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەقىقىي قىممىتىنى ئويلاشقاندا بۇ شىركەت ساتقان مەھسۇلاتلار قىممەت، ھەممە خىرىدارنىڭ داۋاملىق قىممەت نەرسە سېتىۋىلىشى ناتايىن.

شۇنداقلا، ھازىر خىتتايدىلا ئەمەس، دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىمۇ ناچارلىشىۋاتقان پەيتتە نۇرغۇن كىشىلەر تەننەرخى يۇقىرى مەھسۇلاتلارنى سېتىۋىلىشتىن يالتىيىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇنداق يۇقىرى ئالقىشقا تايىنىپ قىممەت باھالىق مەھسۇلاتلارنى ساتىدىغان سودا ئەندىزىسىنىڭ داۋاملىق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ناتايىن.

مەبلەغ سالغۇچىلار بۇ ۋاقىتتا پېشىنى قېقىپ كېتىپ قېلشى، ئۇلارنىڭ خىتتاينىڭ كەلگۈسى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

خىتتاي ئىقتىسادى راستىنلا يىمىرلەمدۇ؟  قاچان ؟ قانداق؟ بۇنىسى ھەممىگە قاراڭغۇ، لىكىن ئىشىنىمەنكى ئاز قالدى.

بۇ شىركەتنىڭ پېيىغا ئىگە بولغان چەتئەل مەبلەغ سېلىش بانكىسى شى جىنپىڭ تۇيۇقسىز سىياسىتىنى ئۆزگەرتكەندە قېچىپ قۇتۇلالمىغان ئىدى ۋە زىيان تارتقان. ئەمما ئۇ بۇ پۇرسەتتە قېچىپ قۇتۇلدى دەپ قارىساقمۇ بولىدۇ . ئىشىنىمىزكى، بۇ قېتىم مەبلەغ شىركەتلىرى خىتتاينىڭ چاڭگىلىدىن كوللىكتىپ قېچىپ كەتتى. چۈنكى، بۇ سودا ئەندىزىسى خىتتايدا ئۇزۇن داۋاملاشمايدۇ، شۇنداقلا شىركەتنىڭ مائارىپ كەسپىدە قايتا تەرەققىي قىلىشىدا ئۈمىد يوق.

ئالدىنقى ھەپتە، ئامېرىكا پاي بازىرى ياكى دۇنيادىكى نۇرغۇن پاي بازىرىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، خىتتاينىڭ پاي بازىرىدا بىر ئاز ئېشىش كۆرۈلدى.   خەلقئارالىق ئىقتىساد كاسادلىقى مەزگىلىدە خىتتاي پاي بازىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا نۇرغۇن سەۋەبلەر بار. بۇنىڭ بىرى، خىتتاينىڭ چەتئەلدىن كىرىدىغان ئۇچۇرنى قاتتىىق كونتىرول قىلىپ ئادەتتىكى خىتتاي پۇقرالىرى ۋە مەبلەغچىلەرنىڭ چۆنتىكىنى قۇرۇق قەغەزگە ئايلاندۇرۇپ « ئ‍ۆلسەك تەڭ ئۆلىمىز » دەيدىغان ھالەتكە كەلتۇرۇش.

3-4 يىل ئالدىدا ئۆي-مۈلۈك باھاسى تۆۋەنلەشكە باشلىغاندا، خىتتايلار ئۆي-مۈلۈك سېتىپ باشقا ئىشلارغا مەبلەغ سېلىشقا ئۇرۇندى. ھازىر خىتتايدا ئۆي-مۈلۈك سېتىلىشى بىر قەدەر تۆۋەنلەپ كەتتى. خىتتايلارنىڭ ۋە كومنىست ھاكىميەتنىڭ ئۆي-مۈلۈككە بولغان ئىشەنچىسى يىمىرىلىشكە باشلىدى. قولىدا پۇلى بار، ئەمما ئۇنى چەتئەلگە ئېلىپ كېتەلمەيدىغانلار ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ پۇلىنى خىتتاي پاي بازىرىغا سېلىشتىن باشقا ئامالى يوق. مېنىڭچە بۇ خىتتاي پاي بازىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكىدەك ياخشى بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى.

خىتتاينىڭ پاي بازىرى ۋە خىتتاي بازىرى قىمارخانىغا ئوخشايدۇ. بۇ خىل بازار نۇرغۇنلىغان چەتئەل مەبلەغ بانكىلىرى ۋە نۇرغۇنلىغان شىركەتلەرنى ئ‍ۆزىگە جەلىپ قىلىپ كەلگەن ئىدى. لىكىن بۇ قىمارخانىغا ئوخشايدىغان خىتتاي بازىرىنىڭ ئ‍ىزچىل باشقىلارنى جەلىپ قىلالىشى ناتايىن. ئەگەر مېنىڭ بۇ مۇلاھىزەمدە خاتالىق بولمىسا، بۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە ھەپتىدە چەتئەل مەبلەغ سېلىش بانكىلىرىنىڭ ھازىرقى ۋاقىتتا خىتتايدىن چېكىنىدىغانلىقى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ خەۋەرلەر بولۇشى مۇمكىن. مەبلەغ سېلىش مۇتەخەسسىسلىرى بۇ باھانى ئاشۇرۇشنى مەبلەغنى ئاشۇرۇش پۇرسىتى ئەمەس، بەلكى قېچىش پۇرسىتىگە ئايلاندۇردى. بۇ ئۇلارنىڭ خىتتاينىڭ كەلگۈسى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىگە ئۈمىدۋار ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. خىتتاينىڭ بۇنداق ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى بۇ يىل دۇنيا ئىقتىسادىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. بەلكىم نۇرغۇن دۆلەتلەر ئىقتىسادىي كىرزىسىگە قاتتىق پېتىشى مۇمكىن. ئىقتىسادى يىمرىلگەن خىتتاي ئاچچىقىدا تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلشى مۇمكىن. ئامېرىكا ھۆكىمەت ئەمەلدارى 7- ئايدا تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلشى مۇمكىن دېگەن ئىدى. بۇ تاسادىپىيلىقمۇ ياكى بىر ئ‍ويۇنمۇ ؟  بىرلىكتە كۆزۈتۈپ باقايلى.

(2022-يىل 6- ئاينىڭ 21-كۇنى )

يازارنىڭ ئەلخەت ئادرىسى : oguzkhan728@gmail.com   

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تەڭرىتاغ كۆشەسىدەكى يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايىنەزەرلەر تامامەن يازارغا ئائىتتۇر. ئۇشبۇ كۆشەدەكى يازمالارنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ھالدا ھالدا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر.