تەخىچە «تۇخۇمنى تاشقا ئۇرما!»مۇ؟

 

نۇرمەمەت مۇساباي

مەن بۇ سۆزنى كىچىگىمدىن تارتىپ كۆپ ئاڭلاپ كەلگەن. ئادەتتە مەھەللىدە بولغان كىچىك ئىشلاردىن تارتىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ سىياسىي تەقدىرى ھەققىدىكى بەزىبىر تالاش-تارتىشلاردىمۇ  بۇ سۆزنى ئاڭلىغان ئىدىم.

چوڭ بولغانسىرى بۇ سۆزنىڭ مەنىسىگىمۇ  يىتىپ قالدىم.

« تۇخۇمنى تاشقا ئۇرما!»   دېگەن سۆز ماڭا:

 كۈچلىك بىلەن تەڭ تۇرما!

جېنىڭغا  تۇشلۇق ئىش قىل!

ھۆكۈمەت بىلەن تەڭ تۇرما!

ئەمەلدار بىلەن تەڭ تۇرما!

دېگەندەك مەنالارنى بىرىپ، ئىنساننى كۈچلىكلەر ئالدىدا تىز پۈكۈشكە ۋە زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىش ياكى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاپ، ئىنسانلارنى قۇللۇققا تەشەببۇس قىلىدىغان بىر سۆزدەك بىلىندى.

مەن بۇ سۆزنى ئەڭ ئاخىرقى قەتىم چەتەلدىكى بىر سىياسىي رەھبىرىمىزدىن ئاڭلاپ، كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى، چەتئەلگە زور ئۈمۈد بىلەن چىققان بىرسى بولغاچقا، بۇ سىياسىيونىمىزدىن  بۇ سۆزنى ئاڭلاپ بەك مەيۇسلەندىم.

***

مەن باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپتىن تارتىپلا مەھەللىنىڭ ئاساسىي قاتلام خىزمەتچىلىرى  ماگىزىنىغا بارسام كۆپ ھاللاردا خىتتاي پىركازچىكلار بىلەن گەپ تالىشىپ سوقۇشۇپ كېلەتتىم.

1975- يىلى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5- يىللىقى.

 غۇلجا شەھرىنىڭ ئۈچدەرۋازا  مەھەللىسىدە 10- ماگىزىن دەپ بىر ماگىزىن بار بولۇپ، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە شۇ رايوندىكى چوڭ ماگىزىن ئىدى. قىش كۈنلىرى تالا سوغۇق بولغاچقا، بازارغا كەلگەنلەرنىڭ  كۆپىنچىسى ( ئۇيغۇرلار ) مۇشۇ ماگىزىننىڭ ئىچىدە ئىدى. بىز تەڭ-تۇش بالىلار بىرلىكتە دۇكاننى ئايلىنىپ، يېڭى ماللار كەلگەن بولسا كۆرۇپ باققىمىز كىلەتتى.

خىتتاي پىركازچىكقا: ئاۋۇ قانچە پۇل؟ دەپ سورىساق، خىتتاي پىركازچىك كۆزگە ئىلمىغاندەك قىلىپ: ئادەم يوق (مەيو رېن)، دەپ جاۋاپ بىرەتتى. 

بەلكىم ئۇيغۇرلاردىن بىزار بولغان خىتتاي بولۇشى مۇمكىن، ياكى خېرىدارلار ئۇنى-بۇنى تولا  سوراپ زېرىكتۇرىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن. كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا خىتتاي پىركازچىكلار ئاشۇنداق سوغۇق جاۋاب بىرەتتى. ئۇ ۋاقىتلاردا ماللارنىڭ باھاسى يېزىقلىق ئەمەس ئىدى، ھەم خېرىدارلار پىركازچىكنىڭ ياردىمىسىز ماللارنى تۇتۇپ، كۆرۇپ باقالمايتى.

بىزمۇ  ئىتتىكلا: سەن ئادەم بولماي ھايۋانما (نى بۇشى رېن، سىڭكوما؟)، دەيتۇق.

شۇنىڭ بىلەن خىتتاي پىركازچىك بىلەن جىدەل باشلىناتتى. ئۇ خىتتاي پۇكەينىڭ ئىچىدە، بىز تېشىدا تىللىشاتتۇق. دۇكاننىڭ ئىچىدىكى ئادەملەر توپلىشاتتى. خىتتاي پىركازچىككا يېنىدىكى خىتتايلار ياردەمگە كەلەتتى.

ئۇلار: ئۇنىڭ ئادەم يوق دېگىنى ئۇ نەرسىنى ساتىدىغان يەردىكى ئادەم يوق دېگىنى دەپ، بىزنىڭ ئاچچىقىمىزنى بەزلەشكە تىرىشاتتى. كىيىن باشلىقى ياكى ئۇيغۇر پىركازچىك كېلىپ، مەسىلىنى بېسىقتۇراتتى.

بۇنداق ئۇششاق جىدەل كۆپ بولغان ئىدى. ئانام مىنىڭ بۇ ئىشىمدىن خەۋەر تېپىپ، مەندىن ئەنسىرەپ: ھەي بالام! سىنىڭ بۇ ئىتتىك مىجەزىڭ، بېشىڭغا بىر بالا ئەكەلمىسە بولاتتى؟، دەپ ئەنسىرەپ، ماڭا كۆپ قېتىم تەربىيە بەرگەن ئىدى. ئەمما، مىجەز تەربىيە بىلەن ئۆزگەرمەيدىكەن.

مەن 1982-يىلى ئۈرۈمچىگە ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كەلگەندىن كىيىن بۇ مىجەزىم تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى. كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ناھەقچىلىقتىن، مەكتەپتىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇشتىكى تەڭسىزلىكلەردىن دائىم ھەر بىر ئىدارىنىڭ خىتتاي خىزمەتكارى، ياكى ئەمەلدارلىرى بىلەن گەپ تالىشىپ قالاتتىم.

ھەر يىلى تەتىلدە ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا كەلگىچە خىتتاي شوپۇرلار بىلەن ياخشى ياتاققا ئاپىرىش، ياخشى ئاشخانىدا توختىتىش ھەققىدە  گەپ تالىشىپ، سوقۇشمىغان ۋاقتىمىز يوق ئىدى.  ھەتتا 1985- يىلى يازلىق تەتىلدە  ئۆيگە قايتىش سەپىرىمدە، گاۋچەن دېگەن يەردە ياتاق بەرمەي تالادا قالغان ئىدىم.

ئوقۇش پۈتتۈرۈپ (ئاتالمىش شىنجاڭ)  گېزىتىگە خىزمەتكە چۈشتۈم. چوڭ بولغانسىرى ھەق-ناھەقنى كۆپرەك چۈشۈنىدىغان بولىدىكەنمىز. بۇ مىجەزىممۇ چوڭ بولغانسىرى تېخىمۇ كۈچۈيۈپ كەتتى. 

ئادەتتىكى ئىدارىنىڭ خادىمىدىن، ئالىي مەكتەپ رەھبەرلىرى،  ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسلىرى بىلەن ھەق-ناھەق ھەققىدە كۆپ قېتىم تالاش-تارتىشلار قىلدىم. شۇ تالاش -تارتىشلارنىڭ بىرىدە ئالىي مەكتەپتىكى مەنمۇ ياخشى كۆرىدىغان ۋە مىنىمۇ ياخشى كۆرىدىغان بىر مۇئەللىمىم: ئۇكام، «تۇخۇمنى تاشقا ئۇرما؟» دەپ ماڭا نەسىھەت قىلدى. گېزىتخانىدا ئىشلەۋاتقان ۋاقتىمدىمۇ بىر باشلىقىم ماڭا ھېسداشلىق قىلىپ: ئۇكام «تۇخۇمنى  تاشقا ئۇرما!» دىدى.

مىنىڭ بۇ ئىتتىك «مىجەزىم» (خاراكتىرىم) تۈپەيلى بىر نەچچە قېتىم ساقچىلارنىڭ سوراق قىلىشلىرىغا ۋە ئىدارىدە ئىپادە بىرىشلەرگە مەجبۇر بولۇپ قالدىم. تەتىلدە غۇلجىغا بارسام، غۇلجا ساقچىلىرىنىڭ ئىزدەپ تۇرىشغا «مۇيەسسەر» بولدۇم.

ئانام مىنىڭ بۇ مىجەزىمنىڭ بېشىمغا بىر بالا ئېكىلىشىدىن ئەنسىرەپ، مەن  غۇلجىغا كەلسەم كۆپرەك دەيدىغان گىپى: نۇرغۇن كىشىلەر باشقا يەرلەرگە كېتىۋېتىپتۇ، سەنمۇ  بىر يەرلەرگە، تۇركىيەگە بەرىپ كەلسەڭ بولمامدۇ؟ دەيتى. ئانامنىڭ دۇئاسى قوبۇل بولدى بولغاي، مەن 1991-يىلنىڭ ئاخىرىدا ۋەتەندىن ئايرىلىپ، ئانامنى «مىجەزىم» دىكى ئەندىشىسىدىن خالىي قىلدىم.   ئەمما بالا ھىجرانىدا قىينىدىم.

تەقدىر قىسمەت بىلەن، 2000- يىلى ئامېرىكىغا كەلدىم. ئامېرىكىغا كەلگەندىن كەيىن مىنىڭ بۇ ئىتتىك  «مىجەزىم» (خاراكتەرىم) تېخىمۇ جانلىنىپ كەتتى. ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا كىرىشى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىزنىڭ خوشنىمىز ئافغانىستاندا ھەربىي بازا قۇرۇشى بىلەن مەن ھەر دائىم «تۇخۇمنى تاشقا ئۇرۇش» نى تەشەببۇس قىلىپ كەلدىم.

ئازادلىق، ئەركىنلىك بىكارغا كەلمەيدۇ، نامايىش بىلەن كەلمەيدۇ. خۇددى باشقا مۇستەقىل بولغان خەلىقلەردەك بىزمۇ قولىمىزغا قورال ئېلىپ ئۇرۇش قىلغاندا كېلىدۇ دەيتىم. بۇ ھەقتە  ھەمسۆھبەتتە بولغان بەزى دوستلار بىلەن بەزىدە بىردەك ئىددىيەدە چىقاتتىم، بەزىدە قارىمۇ-قارشى كېلىپ قالاتتىم.

2004- يىلى كۈزدە، چەتئەلدە پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر، يول باشچى، پىشقەدەم بىر سىياسەتچى ئامېرىكىغا كەلدى. ۋاشىنگىتوندا بىر مىھمانخانىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتىن كېيىن، ئۆمەر قاناتنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن 10 نەچچىمىز ۋاشىگىتوندىكى تۈرك رېستورانى دىۋاندا بۇ پىشقەدەم سىياسەتچىمىز بىلەن كەچلىك تاماقتا بىرگە بولدۇق. بىزنىڭ  پاراڭلىرىمىز قىزىپ كەتكەچكە رېستوراننى تاقايدىغان ۋاقىت بولۇپ قېلىپ، دېيىشىدىغان گەپلىرىمىز تۈگىمەي سورۇننىڭ داۋامىنى بىزنىڭ ئۆيگە يۆتكىدۇق.

كەچ سائەت  10-11 لەردە بىزنىڭ ئۆيگە كەلدۇق. پاراڭ يەنە قىزىشقا باشلىدى، پاراڭنىڭ ئاساسلىق تېمىسى «ئۇيغۇر مەسىلىسى» نى قانداق ھەل قىلىمىز، قانداق شەكىلدە، قانداق فورماتتا دېگەنلەردە ئىدى.

پاراڭلار 10 نەچچە يىل بۇرۇنقى ئۆتمۇشتىكى پائالىيەتلەر، دۇنيادىكى قىزىقارلىق ئىشلار، پالانچى سىياسيوننىڭ دېگەن سۆزلىرى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتتاي توغرىلىق دېگەن سۆزلىرى، ئېلىپ - كېتىپ بارغان خىتتاي سىياسىتى قاتارلىقلارنى سۆزلەپ، دېمەك ۋەزىيەت ياخشى تەرەپكە قاراپ كېتىپ بارىدۇ، ئامېرىكىنىڭ بىر پىلانى بار دېگەندەك مەزمۇنلاردا كېتىپ باراتتى.

تۆۋەندىكى بۇ سۆز قانداق بولۇپ ئاغزىمدىن چىقىپ قالدى ئىسىمدە يوق، بەلكىم «ئىتتىك مىجەزىم» دىن بولسا كەرەك: مەن «ئىنشائاللاھ مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىمىزنى قۇرىمىز» دەپ سالدىم.

پىشقەدەم سىياسەتچى ئاكىمىز: ئۇكام! مانجۇ ۋاقتىدا، پۈتۈن قەشقەرنى بىر دوتەي 100 چېرىك بىلەن باشقۇرىدىغان ۋاقىتتا مۇستەقىل بولالمىغان ئۇيغۇر، ئەمدى بۈگۈنكى كۈندە نىمىسى بىلەن مۇستەقىل بولىدۇ؟ ئۇكام سىڭگەن نېنىڭىزنى يەپ، خىتتاي تەقدىم قىلغان مۇشۇ ئاپتونومىيەنى ئالالىسىڭىزمۇ چوڭ ئىش بولىدۇ. ئۇيغۇرلار 250 يىل ئاسارەتتە قېلىپ، قۇللۇققا ئۈگۈنۈپ قالغان ھۇرۇن، جاھىل (ئوقۇمىغان) بىر خەلىق. بۇلار بىلەن مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. مۇستەقىل بولىمىز دەپ «تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغىلى بولمايدۇ!» دېدى.

مەن ۋەتەندە تولا ئاڭلاپ زېرىكىپ كەتكەن بۇ سۆزنى، بىز ۋەتەندىكى ۋاقتىمىزدا ئىسمىنى ئاڭلاپ، بىر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن بۇ سىياسەتچىمىزدىن ئاڭلاپ، كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى، بەك مەيۈسلەندىم.20  نەچچە ياش ۋاقتىمدىكى «مىجەزىم» بولغان بولسا چىقە ئۆيدىن! ۋاي ئىسىت! ئىسمىڭنى ئاڭلاپلا يۈرگەن بولسام بوپتىكەن، ئۆزۈڭنى كۆرمەي!، دەپ ئۆيدىن چىقىرىۋەتكەن بولاتتىم. بۇنداق سۆزنى نورمال زىيالىيلار دېسە يەنە بوپتۇ دېگىمىز كېلىدۇ. ئەمما ئۆزىنى سىياسيون دېگەن بىر كىشىنىڭ خەلىققە ئۈمىدسىزلىك ئېلىپ كېلىدىغان بۇنداق سۆزنى قىلىشى ھېچ ئەقلىمگە كەلمەيتى. بىر خەلىقنىڭ يول باشچىسى، سىياسيونى بولغان كىشىنىڭ بۇ قەدەر چۈشكۈن، ئۈمىدسىز سۆزلەرنى قىلىشى خەلىقنى قۇللۇققا مەھكۇم قىلىپ قويىدۇ. ئۆزىنىڭ دېگىنى بويىچە خىتتاينىڭ  250 يىللىق مۇستەملىكە تارىخىمىز بۇ سىياسيونىمىزغا قۇللۇق مىجەزنى بەك كۆپ سىڭدۈرۈپ قويۇپتۇ.

ئەمما، بۇ كۈنى مەن ئېغىر -بېسىقلىق قىلىپ ئارتۇق گەپ قىلمىدىم. ھەتتا مىھمانلار تارقاپ كەتكىچىمۇ بىر ئېغىز گەپ قىلمىدىم. خۇددى چىۋىن يېۋالغان كىشىدەك بىر خىل غەلىتە بولۇپ قالدىم.

چەتئەلدىكى ئۇيغۇر داۋاسى يۇقارقى پىشقەدەم سىياسەتچىمىز دېگەندەك خىتتاينىڭ ئىلتىپاتىنى، مەرھىمىتىنى كۈتۈپ، كېيىنكى 20 نەچچە يىلدا ئاساسەن ئىنسان ھەقلىرى، دېموكراتىيە داۋاسىنى قىلدۇق.

2017- يىلى خىتتايلار ئوچۇق-ئاشكارە ھالدا ئۇيغۇرلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشقا باشلىدى، ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئىرقىي قىرغىنچىلىق باشلانغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەممە يىرىگە چېچىلىپ كەتكەن ئۇيغۇرلار بالىلىرىنى، ئاتا-ئانىسىنى، قېرىنداشلىرىنى، ئاياللىرىنى ياكى ئەرلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يىغلاپ، شوئار توۋلاپ بارمىغان يەرلەر، ھۆكۈمەتلەر قالمىدى.  ساناقلىق كىشىلەر ئازراق نەتىجىگە ئېرىشەلىدىيۇ، لىكىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھىلىھەم داۋام قىلىۋاتىدۇ.

بەزى ئېنىقسىز مەلۇماتلارغا ئاساسەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 30-40 پىرسەنت نوپۇسى يوقاپ كەتتى دېيىلىۋاتىدۇ. ئەمما، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تېخىچە يېڭىچە بىر تەدبىرى، بىر پىلانى ۋەيا ئىستراتېگىيەسى تېخى يوق. ھەر ۋاقىت تەكرارلايدىغىنى: «تۇخۇمنى تاشقا ئۇرما!»، خىتتاي كۈچلىك، ئالاھىدە كۈچ، بىز ئاجىز. ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا يۇقارقىدەك «خىتتاي بەك كۇچلىك، ئۇلارغا تەڭ كەلگىلى بولمايدۇ» دېيدىغان ئۇقۇم داۋام قىلىپ كەلمەكتە.

2022- يىلى 24-فەۋرال رۇسيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىپ كىرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئىجتىمايىي تاراتقۇلاردا ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ قەھرىمانلىقىنى ماختاپ، نۇرغۇن رەسىملىك يازمىلار يېزىلىپ، ئۇكرائىنا خەلقىگە مەدھىيەلەر ئوقۇلۇپ كەتتى. لىكىن، شۇنى ئويلىمىدىكى  ئۇكرائىنالىقلار «تۇخۇمنى تاشقا ئۇرۇش» بىلەن قەھرىمان ۋە باتۇر بولدى.

رۇسلار خىتتايلاردىنمۇ كۈچلۈك، دۇنيادىكى 2- ئالاھىدە كۈچ ئىدى. ئەمما، ئۇكرائىنا رەئىسى ھەرگىز «تۇخۇمنى تاشقا ئۇرمايمىز» دەپ، چېكىنىپ بەرمىدى. ئەكسىچە ئۇكرائىنا خەلقىگە مۇراجەت ۋە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، يېشى 18 دىن 60 قىچە بولغان ئەرلەرنىڭ قولىغا قورال ئېلىپ ۋەتەننى قوغداشقا چاقىردى. نەتىجىدە دۇنيا جامائىتى ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ بۇ جاسارىتىدىن، ۋەتەن سۆيەرلىكىدىن ۋە قەھرىمانلىقىدىن تەسىرلىنىپ تەرەپ-تەرەپتىن ياردەم قىلىشقا باشلىدى.  ئۇكرائىنا پايتەختى كەيىۋقا 20-30 كىلومىتىر قالغان رۇس ئەسكەرلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇكرائىنانى رۇسلارنىڭ تاجاۋۇزىدىن ساقلاپ قالدى. قېچىپ كەتكەن ئۇكرائىنا پۇقرالىرىمۇ ۋەتىنىگە قايتىشقا باشلىدى.

ۋەتىنىمىز مۇستەملىكىدە قالغان، خەلقىمىز ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا قىرىلىپ كېتىپ بارغان   بىز ئۇيغۇرلار تېخىچە  «تۇخۇمنى تاشقا ئۇرما” دەپ يۇرەمدۇق؟ بىزدە  نىمە قالدى؟

تاشمۇ بەك چىڭمۇ ئەمەس، ئۇنىڭ دەز كەتكەن يەرلىرى بولىدۇ، يېرىلىدىغان ۋاقتىمۇ كېلىدۇ. خىتتاي ھەر قانچە كۈچلۈك بولسا رۇسلارچىلىك كۇچلىكتۇ؟ ئەنە يېڭىلمەس رۇسلار يېڭىلدى، ئەمدى نىمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى. خىتتاينىڭمۇ  يېڭىلىدىغان، يىقىلىدىغان ۋاقتى كەلدى. خىتتاينى يېڭىدىغان، يىقىتىدىغان كۈچ دەل بىز ئۇيغۇرلار.

ئەگەر بىزمۇ خۇددى ئۇكرائىنالىقلاردەك ئىرادىگە، روھقا كېلىپ، ۋەتەندىكى ئۆلۈمنى كۈتۈپ تۇرغان قېرىنداشلىرىمىزنى قۇتقۇزۇش، ۋەتىنىمىزنى خىتتاي زۇلمىدىن ئازاد قىلىشنى نىيەت قىلىپ، خىتتايغا قارىشى ھەركەتكە ئۆتسەك، دۇنيا جامائىتىمۇ خۇددى ئۇكرائىنا خەلقىدىن تەسىرلىنىپ، تەرەپ-تەرەپتىن ياردەم قىلغاندەك بىزگىمۇ ياردەم قىلىدۇ.

خىتتاي رۇسلاردەك ئۇنچىۋالا كۈچلىك ئەمەس. رۇسلارغا قارىتا ئېلىپ بىرىلىۋاتقان ئىمبارگونىڭ 20% خىتتايغا ئۇيغۇلانسا؛ ئۇكرائىناغا بىرىلىۋاتقان ئىقتىسادىي ياردەم، سىياسىي قوللاش، دىپلوماتىك قوللاش ۋە ھەربىي ياردەمنىڭ 20%  ئۇيغۇرلارغا بىرىلسە خىتتاي 100 كۈندە  سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن ئۈستەلگە كېلىدۇ.

شۇڭا بىزگە: «تۇخۇمنى تاشقا ئۇرما!»، «بىز 250 يىللىق مۇستەملىكىدە قېلىپ، قۇللۇققا كۆنۈپ قالغان خەلىقمىز. خىتتاينىڭ مەرھىمىتى ۋە ئىلتىپاتىغا رەھمەت دېگىن» دېگەندەك تەسلىمچىلىك سۆزنى ئەمدى قىلماي، ئەكسىنچە، ئۇكرائىنا رەئىسىدەك پۈتۈن ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنى ۋەتەننى ئازاد قىلىشقا، ئۆلتۈرۈلىۋاتقان قېرىنداشلىرىنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتتايغا قارىشى ئالدىنقى سەپكە بېرىشقا سەپەرۋەرلىك قىلىدىغان ھەقىقىي يولباشچىلار كېرەك.

ئەگەر بىز خىتتاي بىلەن كۈرەش قىلىش ئۈچۈن ئالدىنقى سەپكە ئاتلانساق، بىزگە ئۇكرائىناغا كەلگەن ياردەملەر كەلگەندىن سىرت، ئىسلام ئەللىرىدىن بىزنى قوللاپ نۇرغۇنلىغان مۇجاھىتلار سىپىمىزگە قېتىلىدۇ.

ئۇيغۇر خەلقى ئۈمۈدىنى ھېچ ئۈزمىگەن، جاسارەتلىك، باتۇر بىر خەلىقتۇر. لىدىر دېگەن كىشىمىز بۇ ئۈمۈدلىك، جاسارەتلىك، باتۇر خەلىقنىڭ روھىنى سۇندۇرماي ئۇلارغا ئىلھام بىرىپ، خۇددى ئۇكرائىنا رەئىسى زەلەنىسكىدەك ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشىغا سەپەرۋەر قىلىشى كېرەك.

بىزنىڭ تۇخۇمنى تاشقا ئۇرۇدىغان ۋاقتىمىز  كەلدى!

2022- يىلى، 6-ئىيۇن، ۋىرجىنىيە، ئامېرىكا

 

 

 

يازارنىڭ ئەلخەت ئادرىسى : nmusabay@gmail.com   

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تەڭرىتاغ كۆشەسىدەكى يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايىنەزەرلەر تامامەن يازارغا ئائىتتۇر. ئۇشبۇ كۆشەدەكى يازمالارنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ھالدا ھالدا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر.